ئورنىڭىز: كۈنتاج تورى > رەسىملەر دۇنياسى > چولپانلار > >بىر قىسىم ھىندىستان چولپانلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىسمى

بىر قىسىم ھىندىستان چولپانلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىسمى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 4848 يوللانغان ۋاقىت : 2016/09/12
elan 640*60

بىر قىسىم ھىندىستان چولپانلىرىنىڭ ھەقىقىي ئىسمى


ئاجەي دېۋگان

ئاجەي دېۋگاننىڭ ئەسلى ئىسمى ۋىشال دېۋگان، بۇنى ئۇنىڭ مەستانلىرى ئانچە بىلىپ كەتمەيدۇ. ئاجەي بوللىۋودقا كىرگەندە «ئاجەي دېۋگان» دېگەن ئىسىمنى ئۆزىنىڭ سەھنە ئىسمى قىلىپ بېكىتكەن.

جون ئابراھام

«جون» جون ئابراھامنىڭ ھەقىقىي ئىسمى ئەمەس، ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى فەرخان ئابراھام، جون ئابراھامنىڭ ئانىسى پارس مىللىتىدىن شۇنىڭغا ئۇنىڭغا پارسچە ئىسىم قويغان.

ئاكشاي كۇمار

ئاكشاي كۇمارنىڭ ئەسلى ئىسمى راجىۋ ھارى ئوم باتىيا، بۇنى خېلى ئادەم بىلىدۇ. نېمىلا دېگەن بىلەن ئاكشاي كۇمارنىڭ ئەسلى ئىسمى ھازىرقى ئىسمىدەك ئۇنچە چولپان پۇرىقىغا ئىگە ئەمەس ھەم بەك ئۇزۇن، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىسمىنى ئۆزگەرتكەنلىكى چۈشىنىشلىك.


سالمان خان

سىز سالمان خاننىڭ ئەسلى ئىسمىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى دەپ بېرەلەمسىز ؟ ئابدۇل خان، تولۇق ئىسمى ئابدۇل راشىد سالىم سالمان خان. ئۇ كىنو ئىشلەشنى باشلىغاندا ئىسمىنى سالمان خان دەپ ئالغان.

كاترىنا كەف

كاترىنا كەفنىڭ ئەسلى ئىسمى كاترىنا تۇركۇئوتتې، كاترىنا بوللىۋودقا كىرگەندىن كېيىن فامىلىسىنى ھىندىستانچە پۇراققا ئىگە كەفگە ئۆزگەرتكەن، ئۇ دادىسىنىڭ فامىلىسىنىڭ كەف ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، لېكىن كېيىنچە ئەسلىدە بۇنداق ئەمەسلىكى ئىسپاتلاندى.

ئامىر خان

ئامىر خاننىڭ ئەسلى ئىسمى مۇھەممەد خان، تولۇق ئىسمى مۇھەممەد ئامىر ھۈسەيىن خان. ئامىر خان بوللىۋودقا يېڭى كىرگەندە ئىسمىنى بىر مەزگىل ئامىر ھۈسەيىن دەپ ئاتىغان.

ئامىتاب باچچان

ئامىتاب باچچان تۇغۇلغاندا قويۇلغان ئىسمى ئىنقىلاب، لېكىن كېيىن بەزىلەرنىڭ تەكلىپى بىلەن ئىسمىنى ئامىتاب دەپ ئۆزگەرتكەن. «باچچان» دېگەن ئەسلىدە  تەخەللۇس، ئۇنىڭ ئەسلى فامىلىسى سرىۋاستاۋا.

رانۋېر سىڭ

رانۋېر سىڭنىڭ ئەسلى ئىسمى رانۋېر سىڭ باۋانى

دىلىپ كۇمار

بوللىۋوتىكى تۆھپىكار ئارتىس دىلىپ كۇمارنىڭ ئەسلى ئىسمى مۇھەممەد يۈسۈف خان.

دارمىندرا

70-يىللاردىكى كېلىشكەن چولپان دارمىندرانىڭ ئەسلى ئىسمى دارام سىڭ دېئول.



گوۋىندا

گوۋىندانىڭ ئەسلى ئىسمى گوۋىندا ئارۇن ئاخۇجا، ئۇ بوللىۋودقا كىرگەندە فامىلىسىنى قىسقارتىپ ئىسمىنىلا ساقلاپ قالغان.

راجىنكانس

جەنۇبىي ھىندىستان چولپىنى راجىنكاسنىڭ ئەسلى ئىسمى سىۋاجى راۋ گائېكۋاد.

رېيكا

رېيكانىڭ ئەسلى ئىسمى بانۇرېيكا گانېسان

پرىتىي زىنتا

چىرايلىق زىناقلىق چولپا پرىتىي زىنتانىڭ تۇغۇلغاندىكى ئىسمى پرېتام زىنتا سىڭ، بۇ ئىسىممۇ خېلى يامان ئەمەسكەن بولمىسا؟!

مىتۇن چاكرابورتىي

80-يىللاردىكى گىگانت چولپان.مىتۇن چاكرابورتىنىڭ ئەسلى ئىسمى گورانگا چاكرابورتى، ھازىر ياشلار ئۇنى « DADA» دەپ چاقىرىدۇ.

جىيا خان

مەرھۇم ئارتىس جىيا خاننىڭ ئەسلى ئىسمى نەفىسە خان، ئۇ ئەنجىلىنا جۇلىنىڭ كىنوسى «جىيا» نى كۆرگەندىن كېيىن جىيانى نەفىسەدىن جەلپ قىلارلىق دەپ قاراپ ئىسمىنى جىياغا ئۆزگەرتكەن.

مادۇبالا

40-،50-يىللاردىكى داڭدار چولپان مادۇبالانىڭ ئەسلى ئىسمى مۇمتا بەگۇم جاھان دېلاۋى.

راجىش خاننا

ھىندىستاننىڭ تۇنجى گىگانت چولپىنى دەپ ئاتالغان راجىش خاننانىڭ ئەسلى ئىسمى

جاتىن خاننا.

كامال ھەسەن

جەنۇبىي ھىندىستان كىنو چولپىنى كامال ھەسەننىڭ ئەسلى ئىسمى ئالۋاپېتتاي ئانداۋار.  ئىلگىرى كامال ھەسەن قويۇق ئەرەبچە پۇراققا ئىگە ئىسمى سەۋەبلىك خاتا ھالدا مۇسۇلمان دەپ قارىلىپ قىلىپ ئامېرىكا ئايروپورتىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان. ئەمەلىيەتتە كامال ھەسەننىڭ ئېيتىشىچە ئۇنىڭ ئىسمى سانسكرىت تىلىدىن كەلگەن ئىكەن.


elan 250*300
elan 90*300
elan 250*300
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى