ئورنىڭىز: كۈنتاج تورى > رەسىملەر دۇنياسى > سەنئەتكارلار > >ئەينى يىللاردا ھوللىۋودتا بىر چاقناپلا غايىب بولغان ئارتىسلار

ئەينى يىللاردا ھوللىۋودتا بىر چاقناپلا غايىب بولغان ئارتىسلار

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 2892 يوللانغان ۋاقىت : 2016/09/12
elan 640*60

مېگان فوكس


«Transformers» مېگان فوكىسنىڭ ئىسمىنى ھەممىگە تونۇتتى، لېكىن مېگان فوكسنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ئېغىزغا چىققۇدەك ئەسىرى بارمۇ؟ ئەمەلىيەتتىمۇ مېگان فوكسنىڭ رول ئېلىش ئىقتىدارى يوق، «Transformers»نىڭ رېژىسسورى بىلەن ئازارلىشىپ  بۇ كىنونى ئىشلەشتىن ۋاز كەچكەندىن كېيىن باشقا تۈزەكرەك سودا فىلىملىرىنىڭ توختىمىغا ئېرىشەلمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ كىشىلەر ئويلىغاندەك ئۆسەك خەۋەر ئوغۇل دوستلىرىغا تايىنىپ خەۋەر بەت يۈزىنى ئىگەللەيدىغان ئەمەس بەلكى ئۆيىدە ئولتۇرۇپ بالىسىنى باقىدىغان ئايال بولغانلىقى ئۈچۈن بىر ئىككى يىل تونۇلغاندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە ئامما نەزىرىدىن غايىپ بولدى.

دانىئل كرەيگ



دانىئىل كرەيگنىڭ بۇنىڭدىن كېينكى كەسپى تەرەققىياتى خاررى پوتتېردەك يۇقىرى نۇقتىنى يارىتالىشى تازا مۇمكىن ئەمەس. ئاساسلىق سەۋەب دانىئل كرەيگنىڭ بوي ئېگىزلىكى ۋە چىرايى. ئۇنىڭ بوي ئايال چولپانلارنى ئوتتۇرىچە بوي ئېگىزلىكىدىنمۇ پاكار ئۇنىڭ ئۈستىگە بالا چىرايىمۇ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويىدۇ.

ئېمما روبېرتس



جۇلىيە روبېرتىسنىڭ جىيەنى ئېمما روبېرتىس ھاممىسىدەك  يۇقىرى پەللىگە يېتەلمىدى. رول ئېلىش ئىقتىدارى ناچار ئېمما 10 نەچچە ياش ۋاقتىلىرىدا چىرايلىقلىقى ۋە جۇشقۇنلىغا تايىنىپ بىرقانچە يىل ياش-ئۆسمۈرلەر فىلىمىدە رول ئېلىپ نام قازانغاندىن بولسىمۇ لېكىن كېيىن يېشىنىڭ چوڭ بولۇشىغا ئەگشىىپ بارا-بارا سەپتىن چۈشۈپ قالدى.


رىيان راينولدس



رىيان راينولدس ئۇزۇن يىل مۇسكۇلىنى كۆز كۆز قىلىش ۋە ئاياللارغا ۋە ھەمجىنىسلارغا ياقىدىغان ئوماق كېلىشكەن چىرايى بىلەن 2009-يىلى ئۆزىنىڭ كەسپىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتىۋالغان. شۇ يىللىق «دۇنيادىكى ئەڭ جەلىپكار ئەر» بولۇپ باھالانغاندىن باشقا گېزىت ژۇرناللار يامغۇردەك پەيدا بولغان. دەرۋە ئۇ نام چىقىرىۋالغاندىن كېينلا سىكارلىت جوھانسون بىلەن تېز سۈرئەتتە ئاجراشتى، لېكىن ئۇ باش رول ئالغان فىلىملەر كەينى-كەينى مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغاندىن كېيىن ئۇمۇ ئەسلىي قىياپىتىگە قايتتى. گەپ يەنىلا ئۇنىڭدا رول ئېلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىكىدە. 

كەسرىن خېيگىل


ئەينى يىللاردا كەسرىن خېيگىل  «پراكتىكانت دوختۇر گرېي»دا رول ئېلىۋاتقان ۋاقىتتا بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى يېڭى يېڭى رېكورتلارنى ياراتقان. ئۇنىڭدىن كېيىن كەسرىن خېيگىل رول ئالغان فىلىملەر قوش مۇۋەپپەقىيەت يارىتىپ، كەسرىن خېيگىل بىردەمدىلا بىرىنچى سەپتىكى كىنو چولپانلىرىدىن بولۇپ قالغان، ھەتتا بەزىلەر ئۇنى مېگان رىيان، جۇلىيە روبېرتىسدىن كېيىنكى ئامېرىكىنىڭ بىر ئەۋلاد «تاتلىق قىزى» بولۇپ قالىدۇ دەپ قارىغان. لېكىن شۇنىڭدىن كېيىن كەسرىن خېيگىل باش رول ئالغان فىلىملەرنىڭ ھەممىسى مەغلۇب بولدى، ئۇمۇ كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلدى.

جېسسىكا ئەلبا


«Fantastic Four» قاتارلىق فىلىملەر جېسسىكا ئەلبانىڭ گۈزەل ھۆسىنىنى كىشىلەرنىڭ قەلبىگە ئورناتقان. ئۇ ۋاقىتتا جېسسىكا ئەلبا پۈتۈن خەلقنىڭ مەبۇدىسى ئىدى. لېكىن جېسسىكانىڭ رول ئېلىش ئىقتىدارىنىڭ تايىنى بولمىغانلىقى ۋە