چېڭلوڭ بىر جۈپ ئامراق ئىتىنى 100 مىليونغىمۇ ساتمايدىغانلىقىنى ئېيتتى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 7781 يوللانغان ۋاقىت : 2017/06/08
elan

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھازىر كىشىلەر ئىتلارنى ھويلىسىغا قارىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىش ئۈچۈن باقىدۇ.

تاماشا ساھەسىدىكى نۇرغۇن چولپانلارنىڭ ئامراق ئىتلىرى بار. ئۇلار چولپانلارنىڭ ئىتى بولغاچقا مەستانىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقانلىقتىن تاراتقۇلار ئىز قوغلاپ خەۋەر قىلىدىغان ئوبيېكتقا ئايلانغان. 

سېرىق يۇڭلۇق ئىت ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ مۇلايىم ۋە ئەقىللىقلىقى بىلەن نام چىقارغان بولۇپ، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. بۇ تۈردىكى ئىتلارنى كۆندۈرۈش ناھايىتى ئاسان بولغاندىن باشقا، يەنە ئۇلار بالىلارغا ناھايىتى مۇلايىم ۋە سەۋرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ئۇلار يەنە تولىمۇ ساداقەتمەن ۋە ئۆزىگە ئىنىشىدىغان بولغاچقا كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن ئەرمەك ئىتلارنىڭ بىر خىلىغا ئايلانغان.

خەلقئارالىق گۇمپا چولپىنى چېڭلوڭمۇ سېرىق يۇڭلۇق ئىتقا ئالاھىدە ئامراق. ئۇنىڭ ئۆيىدە ئىككى سېرىق يۇڭلۇق ئىت بار بولۇپ، بىرىنىڭ ئىسمى JJ، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى Jones. چېڭلوڭ ھەر يىلىدىكى باھار بايرىمىدا قىزىل بولاق تارقاتقاندا ئۇلارغىمۇ ھەسسە ئايرىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. بۇ جەھەتتە فاڭ زۇمىڭ ھەرگىز ئۇلارنىڭ رىقابەتچىسى بولالمايدۇ.

چېڭلوڭ بۇ ئىككى ئىتىنىڭ سۈرىتىنى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىگە دەسلەپ يوللىغاندا: «مەڭگۈلۈك دوست! ئەڭ ياخشى دوستنى تاپماق قىيىن!» دېگەن يازمىنى قوشۇپ قويغان. بۇنىڭدىن JJ بىلەن Jonesنىڭ چېڭلوڭنىڭ كۆڭلىدىكى ئورنىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ.

چېڭلوڭ يەنە دائىم ئىتلىرىنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ ئايلاندۇرىدۇ.

چېڭلوڭ چولپانلار بىلەن كۆرۈشكىلى بارغاندىمۇ ئىتلىرىنى ئېلىۋالىدۇ.

چېڭلوڭ ھەتتا تاماقنىمۇ مۇشۇ ئىتلىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ يەيدۇ.

چېڭلوڭنىڭ بۇ ئىككى ئىتىنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ھەرخىل كېسەللىكلىرىمۇ كۆپىيىشكە باشلىغان. بۇلاردىن بىرى تېخى ئوپېراتسىيەمۇ قىلىنغان. شۇ ۋاقىتتا فىلىم سۈرەتكە ئېلىۋاتقان چېڭلوڭ ئىتىدىن ئەنسىرەپ خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ قويغىلى تاس قالغان. بىراق، ئوپېراتسىيە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقتىن چېڭلوڭمۇ ئاخىرى خاتىرجەم بولغان.

ئىلگىرى بەزىلەر 1 مىليون يۈەنگە چېڭلوڭنىڭ بۇ ئىككى ئىتىنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىراق، چېڭلوڭ بۇ پىكىرنى كەسكىنلىك بىلەن رەت قىلىپ «100 مىليونغىمۇ ساتمايمەن» دېگەن.



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى