ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشكەن چولپانلار

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 5088 يوللانغان ۋاقىت : 2017/06/08
elan

يەنە بىر قېتىملىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان پەسلى يېتىپ كەلدى، چولپانلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئېرىشكەن نەتىجىسى توغرىسىدا گەپ بولۇنسا، نۇرغۇن تورداشلار تىلغا ئېلىشقىمۇ ئەرزىمەيدۇ دەپ قارىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇلار دائىم ئاممىۋى سورۇنلاردا خەتلەرنى خاتا ئوقۇپ قالىدۇ، ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەممىسىنىڭ ئۇنداق بولۇپ كېتىشىمۇ ناتايىن، چولپانلارنىڭ ئارىسىدىمۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشكەنلەر، ھەتتا ئەلىيۇلئەلا بولغانلار بار.

سول تەرەپتىكى سۈرەتتە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا كىرىشتىن ئاۋۋالقى گۈەن شياۋتوڭ، ئوڭ تەرەپتىكى سۈرەتتە گۈەن شياۋتوڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلماقتا.

مەسىلەن ئەلاچى ئوقۇغۇچى گۈەن شياۋتوڭ، ئۇ ئۆتكەن يىلى كەسپىي پەنلەر ۋە مەدەنىيەت دەرىسىدە بىرىنچى بولۇشتەك نەتىجە بىلەن بېيجىڭ كىنو ئىنىستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنىپ، بېيجىڭ كىنو ئىنىستىتۇتىنىڭ قوش پەن ئەلىيۇلئەلاسى بولغان، ئۇ يەنە مىكرو بىلوگىدا نەتىجىسىنى كۆز-كۆز قىلغان بولۇپ، ئومۇمىي نومۇرى 552، ماتېماتىكىدا 131 نومۇرلۇق نەتىجىسى بىلەن نۇرغۇن تورداشلارنى ھەيران قالدۇرغان.

جاۋ ۋېي كەسپىي پەنلەردە 1-بولغان، ئىمتىھان ئالدىدا ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسىنى يۈتتۈرۈپ قويغان.

ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسىنى يۈتتۈرۈپ قويۇش ھەر قېتىمقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئالدىدا چوقۇم يۈز بەرمىسە بولمايدىغان ئىشقا ئايلىنىپ قالدى. ئەمەلىيەتتە جاۋ ۋېيمۇ ئەينى ۋاقىتتا ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسىنى يۈتتۈرۈپ قويغانىدى. بېيجىڭ كىنو ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا، جاۋ ۋېي ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسىنى يۈتتۈرۈپ قويدى، بۇنى ئاڭلىغان مەسئۇل ئوقۇتقۇچى: ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسىنىمۇ يۈتتۈرۈپ قويغان ئوقۇغۇچى قانداقمۇ ئىمتىھانغا قاتنىشالىسۇن، ئۇنى قايتۇرۇۋېتىڭلار، دېدى. بىراق ئىمتىھان مەيدانىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئالمىشىدىغان ئارىلىقتا، كارىدوردا ئايلىنىپ ئارام ئېلىۋاتقان سۈي مۇئەللىم پەلەمپەيدە ئولتۇرۇپ يىغلاۋاتقان جاۋ ۋېينى كۆرۈپ قالدى، ئۇنىڭ بۇلاقتەك يوغان كۆزلىرى سۈي مۇئەللىمنى تەسىرلەندۈردى، سۈي مۇئەللىمنىڭ قايتا-قايتا ئۆتۈنۈشى نەتىجىسىدە، ئىشخانا مەسئۇلى جاۋ ۋېينىڭ ئىمتىھانغا قاتنىشىش كېنىشكىسىنى تولۇقلاپ بېرىشكە قوشۇلدى. ئىگىلىنىشىچە، جاۋ ۋېينىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى يامان ئەمەس بولۇپ، كەسىي پەنلەردە 1-بولۇشتەك نەتىجە بىلەن بېيجىڭ كىنو ئىنىستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنىپ، بېيجىڭ كىنو ئىنىستىتۇتى 96-يىللىق ئاكتيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسىغا ئايلانغان.

ياڭ مىنىڭ ئومۇمىي نومۇرى بېيجىڭ كىنو ئىنىستىتۇتى بويىچە 1-بولغان.

ياڭ مى «ھەقىقىي ئەركەك»تە ئۆزىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ۋە ئەقىل بۆلۈمىسىنى نامايەن قىلغان، ئەسلىدە ئۇ بىر ئەلىيۇلئەلا ئىكەن ئەمەسمۇ. كىچىكىدىلا بالا چولپان بولغان ياڭ مى رول ئېلىش سەۋەبىدىن نۇرغۇن دەرسلىرىگە دەخلى يەتكەنىدى، 1993-يىلى دادىسى ئۇنىڭغا كومپيۇتېر ئېلىپ بېرىپ، يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش ماتىرىيالىنى كىرگۈزۈپ بەردى، يەنە ئۇنىڭغا ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ بەردى. كېيىن ئۇ ئومۇمىي نومۇرى 1-بولۇشتەك نەتىجە بىلەن بېيجىڭ كىنو ئىنىستىتۇتىغا قوبۇل قىلىندى.



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى