ھىندىستاندىكى پوجاڭزا زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 14 ئادەم قازا قىلدى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 1522 يوللانغان ۋاقىت : 2017/06/08
elan

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 6-ئاينىڭ 7-كۈنى يېڭى دېھلىدىن بەرگەن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ 7-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان مەركىزىي ئۆلكىسىنىڭ بالاگات رايونى (Balaghat Range) دىكى مەلۇم  پوجاڭزا زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ 14 ئادەم قازا قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان.

 خەۋەردە ساقچى تەرەپنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتىلىشىچە، پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بۇ پوجاڭزا زاۋۇتى بالاگات رايونىنىڭ مەركىزىدىن تەخمىنەن 5 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان. ۋەقە يۈز 

بەرگەندە، زاۋۇتتا تەخمىنەن 40 تەك ئىشچى ئىشلەۋاتقانىكەن. ساقچى تەرەپ ئېلان قىلغان دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى پارتلاش ۋەقەسىنى بىر ئىشچىنىڭ تاماكا قالدۇقىنى زاۋۇتتىكى ئەخلەت دۆۋىسىگە تاشلاپ قويغانلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

نۆۋەتتە قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئاللىقاچان نەق مەيداندا قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، ۋەقەدە كۆيۈپ كەتكەن جەسەتلەر خارابىلىقتىن يۆتكەپ چىقىلغان، ۋەقەدە يارىلانغان يارىدارلارمۇ يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلارغا قۇتقۇزۇشقا ئېلىپ بېرىلغان.




Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى