ئامېرىكا مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى پېنىسنىڭ ئايالى ھۆكۈمەت قوروسىدا 15 مىڭ ھەرىنى «كۈتۈۋالدى»

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 1769 يوللانغان ۋاقىت : 2017/06/08
elan

شىنخۇا تورى 8-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى مايك پېنىسنىڭ ئايالى كېللېن 6-ئىيۇن ھۆكۈمەت قوروسىنىڭ دەرۋازىسىنى يېڭىدىن ئولتۇراقلاشماقچى بولغان «مېھمانلار»غا كەڭ ئېچىۋەتتى. ئۇ كۈتۈۋالغان «مېھمانلار» ئەمەلىيەتتە 15 مىڭدىن كۆپرەك ھەسەل ھەرىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

كېللېن 6-ئىيۇن بۇنداق قىلىشىدىكى سەۋەبنىڭ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكىدىكى ھەرە توپلىرىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە زىيانلىق تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. بىر قېتىملىق پائالىيەتتە كېللېن ئامېرىكىدىكى 3 چوڭ ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائىتىنىڭ چاڭلىنىش جەريانىنىڭ ھەرە، كېپىنەك، شەپەرەڭ ۋە قۇش قاتارلىقلارنىڭ ياردىمىدە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ: «ھەرە توپلىرىنىڭ ئۇزۇن يىل زاۋاللىققا يۈزلىنىشى بىزنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشىمىزغا ناھايىتى زور تەسىر پەيدا قىلىدۇ. ھەرە توپلىرىنىڭ ئازىيىشى ئاساسلىقى پارازىت قۇرتلارنىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق مىقدارىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەنلىكى سەۋەبلىك ھەرىلەرنى جەلپ قىلىش ئىقتىدارىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىدىن بولغان» دېدى.

يېز ئىگىلىك مىنىستىرى سوني دۇپ: «كېللېننىڭ بۇ ئۇسۇلى ھەرقانداق ئادەمنىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتناشسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ كىشىلەرنى ھەرىلەر ئامراق گۈل ۋە ئوت-چۆپلەرنى تېرىشقا ئىلھاملاندۇردى ھەمدە سىرتلارغا سۇ ئېلىنغان قاچىلارنى قويۇپ قويۇپ، ھەرىلەرنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇشىغا ياردەم قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى» دېدى.

2009-يىلى ئامېرىكىنىڭ سابىق 1-خانىمى مىچېل ئوباما ئاق ساراينىڭ جەنۇبىدىكى گۈللۈككە بىر ھەرە ساندۇقى قويۇپ ھەرخىل چېچەكلەرنىڭ چاڭلىشىشىغا ياردەم قىلدى، يەنە تېخى چىقرىلغان ھەسەلنى باشقىلارغا سوۋغا قىلدى. ھازىرقى 1-خانىم مېلانىيامۇ ھەرە ساندۇقىنى داۋاملىق تۈردە ئۆز ئورنىدا قويۇپ قويدى.



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى