يېقىنقى 10 يىل مابەينىدىكى ياۋروپا ئالتۇن كەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن چولپانلار

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 1461 يوللانغان ۋاقىت : 2017/06/08
elan

نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۇ پەسىللىك مۇسابىقىلەردە مېسسى بارسېلونا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە 37 توپ كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ كەسپىي پۇتبول ھاياتىدىكى تۆتىنچى قېتىملىق ياۋروپا ئالتۇن كەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ياۋروپا ئالتۇن كەش مۇكاپاتى ياۋروپا بىرلەشمىسىدىكى ئۇرغان توپ سانىغا ئاساسەن بېرىلىدىغان مۇكاپات بولۇپ، بىز تۆۋەندە يېقىنقى ئون يىل مابەينىدىكى ياۋروپا ئالتۇن كەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن پۇتبولچىلار بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

2006/2007-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە توتتى رىم كوماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان ئىتالىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە 26 توپ كىرگۈزۈپ، ياۋروپا ئالتۇن كەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇ يېقىنقى ئون يىل مابەينىدە ئىتالىيەلىك پۇتبولچىلارنىڭ تۇنجى قېتىم ياۋروپا ئالتۇن كەش مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى ھېسابلىنىدۇ.

2007/2008-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە، كىرىستىيانو رونالدو مانچېستېر بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە جەمئىي 31 توپ كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ كەسپىي پۇتبول ھاياتىدىكى تۇنجى ياۋروپا ئالتۇن كەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ھەمدە شۇ يىلى مانچېستېر بىرلەشمىسى بىلەن بىرلىكتە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.

2008/2009-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە، فورلان مادرىد ئاتلېتكا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە جەمئىي 32 توپ كىرگۈزۈپ، ياۋروپا  ئالتۇن كەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

2009/2010-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە، مېسسى بارسېلونا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 25 مەيدان ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە 34 توپ كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ كەسپىي پۇتبول ھاياتىدىكى تۇنجى ياۋروپا ئالتۇن كەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

2010/2011-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە، رونالدو خانلىق مادرىد كوماندىسىغا ۋاكالىتەن ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە جەمئىي 40 توپ كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ خانلىق مادرىد كوماندىسى ھاياتىدىكى تۇنجى ياۋروپا ئالتۇن كەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

2011/2012-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە، مېسسى بارسېلونا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە جەمئىي 50 توپ كىرگۈزۈپ، ياۋروپا ئالتۇن كەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. شۇنداقلا ياۋروپا ئالتۇن كەش مۇكاپاتى تارىخىدىكى ئەڭ جىق توپ كىرگۈزۈپ بۇ تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن پۇتبولچى بولۇپ قالدى، تېخى ھازىرغىچە ھېچكىم مېسسىنىڭ بۇ رېكورتىنى بۇزالمىدى.

2012/2013-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە، مېسسى بارسېلونا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسدە جەمئىي 46 توپ كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ كەسپىي پۇتبولچىلىق ھاياتىدىكى ئۈچىنچى قېتىملىق ياۋروپا ئالتۇن كەش مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈردى.

2013/2014-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە، رونالدو بىلەن سۇئارېز ئوخشاشلا 31 توپ كىرگۈزۈپ، بىرلا ۋاقىتتا ياۋروپا ئالتۇن كەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. رونالدو خانلىق مادرىد كوماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە جەمئىي 31 توپ كىرگۈزۈپ، ياۋروپا ئالتۇن كەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، سۇئارېز ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە جەمئىي 31 توپ كىرگۈزۈپ، رونالدو بىلەن بىرلىكتە ياۋروپا ئالتۇن كەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

2014/2015-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە، رونالدو خانلىق مادرىد كوماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە جەمئىي 48 توپ كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ پۇتبولچىلىق كەسپىي ھاياتىدىكى تۆتىنچى قېتىملىق ياۋروپا ئالتۇن كەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

2015/2016-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە، سۇئارېز بارسېلونا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە جەمئىي 40 توپ كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ كەسپىي پۇتبولچىلىق ھاياتىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ياۋروپا ئالتۇن كەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

2016/2017-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە، مېسسى بارسېلونا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن قاتناشقان ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسدە جەمئىي 37 توپ كىرگۈزۈپ، ئۆزىنىڭ كەسپىي پۇتبول ھاياتىدىكى تۆتىنچى قېتىملىق ياۋروپا ئالتۇن كەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى