فالكاۋ كولومبىيە كوماندىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگىنىگە ئايلاندى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 1310 يوللانغان ۋاقىت : 2017/06/08
elan

نۇر تورى تەرجىمىسى: 

بۈگۈن سەھەردە ئوينالغان ئىسپانىيە كوماندىسى بىلەن كولومبىيە كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىدە، كولومبىيە ھۇجۇمچىسى فالكاۋ مۇسابىقىنىڭ 55-مىنۇتىدا بىر توپ كىرگۈزدى. بۇ توپنى كىرگۈزۈش بىلەن فالكاۋ كولومبىيە تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەنگە ئايلاندى. ئۇ ھازىرغىچە كولومبىيە كوماندىسىدا 65 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 26 توپ كىرگۈزگەن. 

فالكاۋنىڭ ئالدىنقى قېتىم دۆلەت كوماندىسىدا توپ كىرگۈزگەن ۋاقتى 2015-يىلى 6-ئاي بولۇپ، بۈگۈن سەھەردىكى مۇسابىقىدە ئۇرغان توپى بىلەن رېكورت يارىتىش بىلەن بىرگە، ئىككى يىلغا سوزۇلغان دۆلەت كوماندىسىدا توپ ئۇرالماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەردى. 

فالكاۋ گەرچە 26 توپ بىلەن رېكورت ياراتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ بۇ رېكورتى ئۇنچە ئۇزاققا بارماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى بۇ يىل ئەمدىلا 25 ياشقا خامېس رودرىگۇز ئاللىقاچان دۆلەت كوماندىسىدا 19 توپ ئۇرۇپ بولغان بولۇپ، ئۇنىڭ كەلگۈسىدە ئالدىدىكى ئىككى چولپاندىن ئېشىپ كېتىشىگە يېتەرلىك ۋاقتى بار. 

بۇندىن بۇرۇنقى كولۇمبىيە دۆلەت كوماندىسىدا توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى ساقلىغۇچى ئارنولدو ئىگۇران بولۇپ، ئۇ 1973-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە كولومبىيە كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 68 قېتىم مەيدانغا چىقىپ 25 توپ ئۇرغان. 



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى