بىرمىنىڭ 122 ئادەم ئولتۇرغان ھەربىي ترانسپورت ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 1415 يوللانغان ۋاقىت : 2017/06/08
elan

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 8-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بىرما دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ 7-ئىيۇن كەچتە جاكارلىشىچە، بىرما ئارمىيەسى 9 ھەربىي كېمە، 3 ئايروپىلاننى ئىشقا سېلىپ 7-ئىيۇن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ھەربىي ترانسپورت ئايروپىلانىنى ئىزدىگەن، تىرانسپورت ئايروپىلانىدا ئولتۇرغان ئادەم سانىنىڭ 122 ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىرما دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابى 7-ئىيۇن كەچتە دېيىشىچە، ئايروپىلاندىكى ئادەم سانى 122 بولۇپ، 14 نەپەر ئايروپىلان خادىمى ۋە 108 يولۇچى ئىكەن. يولۇچىلار ئىچىدە 35 نەپەر ھەربىي، 58 نەپەر قورامىغا يەتكەن ھەربىيلەر ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە 15 بالا بار ئىكەن.

بىرما دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ئايروپىلان شۇ جاي ۋاقتى 13:06 ئۆتكەندە بىرمىنىڭ تانىنساريى (Tanintharyi) ئۆلكىسىنىڭ دېڭىز ياقىسىغا جايلاشقان شەھىرى ميېئىك (Myeik)دىن ئۇچقان، ئەسلىگە رانگونغا بېرىشنى پىلانلىغان، ئايروپىلان 13:45 ئۆتكەندە تانىنساريى ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى تۇۋانىڭ غەربىي جەنۇبىغا 69 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا تۇۋا ئايرودرومى بىلەن ئاخىرقى قېتىم ئالاقىلاشقان، كېيىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان.

بىرمە ئارمىيەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە، بىرما ھاۋا ئارمىيەسى، دېڭىز ئارمىيەسى، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى ئايروپىلان ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان رايوندا ئاختۇرۇشنى باشلىغان، بىر قىسىم پۇقرالار كېمىلىرىمۇ ئاختۇرۇش خىزمىتىگە قاتناشقان.

بىرما ئارمىيەسىنىڭ خادىمى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا دېيىشىچە، ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ھەربىي ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، ئىزدەش ئەترىتى قىسمەن ئايروپىلان پارچىلىرىنى بايقىغان، ئەمما قارا قۇتىنى تاپالمىغان. 

يەر شارى تورى بىرما ھۆكۈمىتى 8-ئىيۇن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇرىنى خەۋەر قىلىشىچە، ئايروپىلان ۋەقەسىدە 20 ئادەم قۇتقۇزۇۋېلىنغان. ئايرودروم سۇپىسى ۋە ئايرودروم خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 7-ئىيۇن ھاۋارايى نورمال بولۇپ، كۆرۈش دائىرىسىمۇ ياخشى ئىكەن. بىرما ئارمىيەسىنىڭ دېيىشىچە، ئايروپىلان تېخنىكىلىق كاشىلا سەۋەبلىك چۈشۈپ كەتكەن.

يەر شارى تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىرما ئارمىيەسى چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ پارچىلىرىنى ھەمدە قىسمەن يولۇچىلارنىڭ جەسىتىنى بايقىغان.

بىرما دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ تىپى 5820 بولۇپ، Y-8-200F ھەربىي تىرانسپورت ئايروپىلانىنى شەنشى ئايروپىلان ياساش شىركىتى تەتقىق قىلىپ چىققان، ئوتتۇرا مۇساپىلىق كۆپ خىل قوللىنىشچان ترانسپورت ئايروپىلانى.

مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىرما ئارمىيەسى 2016-يىلى يېڭىدىن سېتىۋېلىپ ئىشلىتىشكە باشلىغان، ئۇچۇش ئومۇمىي ۋاقتى 809 سائەتكە يەتكەن. 



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى