18 يىل ئىلگىرى تاشلىۋېتىلگەن قىز بوۋاق بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 1415 يوللانغان ۋاقىت : 2017/06/08
elan

تېڭشۈن تورى 7-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

18 يىل ئىلگىرى 35 ياشلىق گەي رۈيخەي خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ شەھىرى پىڭشەن ناھىيەسىدىكى بىر كەنتنىڭ يول بويىدىن بىر قىز بوۋاق تېپىۋالغان، كەنتتىكىلەرمۇ ئۇنىڭ بالا بېقىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ لايىق تونۇشتۇرمىغان، ئۇمۇ توي قىلمىغانىدى. 18 يىلدىن بۇيان ئۇ ئىشلەمچىلىك ۋە دېھقانچىلىققا تايىنىپ تاشلىۋېتىلگەن بوۋاققا گەي رۈييىڭ دەپ ئىسىم قويغان ھەم مەكتەپتە ئوقۇتقان. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇ قىز بوۋاق چوڭ بولۇپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى. پىڭشەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان گەي رۈييىڭ 6-ئىيۇن ئىمتىھان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن دادىسى بىلەن ساياھەتكە چىققۇسى بارلىقىنى، ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ناھىيەلىك كۇتۇپخانىغا بېرىپ كىتاب ئارىيەتكە ئېلىش كېنىشكىسى بېجىرىپ تېخىمۇ كىتابلارنى ئوقۇۋالغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى.

1999-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتە تېمپىراتۇرا ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، گەي رۈيخەي ۋېلسىپىت مىنىپ كېتىۋېتىپ يول بويىدا بىر بوۋاق تۇرغانلىقىنى كۆرگەن. يېقىن بېرىپ قارىغاندا بۇ بوۋاقنىڭ دۈمبىسىدە بىر مونەك بارلىقىنى بايقىغان. شۇ ۋاقىتتا ئۇ خېلى ئۇزۇن ساقلىغان بولسىمۇ بالىنى ئېلىپ كېتىدىغان ئادەم كەلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بالىغا ئىچى ئاغرىپ ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەن. ئۇ: «بالىنىڭ بىچارە ھالىتىگە قاراپ پەقەت ئۇنى بېقىپ چوڭ قىلىشنىلا ئويلاپ باشقا ئىشنى ئويلىماپتىمەن» دېگەن. ئۇ بۇرۇن ھەربىيلىككە قاتناشلىقى سەۋەبلىك بالا بېقىۋېلىشتىن ئىلگىرى كەنتتىكىلەر بىر نەچچە لايىق تونۇشتۇرغان. بىراق، بالا بېقىۋالغاندىن كېيىن لايىق تونۇشتۇرىدىغانلارمۇ ئۈن-تىنسىز يوقاپ كەتكەن. ئۇ بالىنى بېقىۋالغان 3-كۈنى تۇغقانلىرىدىن 500 يۈەن ئۆتنە ئېلىپ ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرتكەن. دوختۇرلار تەكشۈرۈپ بېقىپ ئۇ مونەكنىڭ بالىنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا دەخلى يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. پىڭشەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 3-يىللىقنىڭ سىنىپ مەسئۇلى لى لىۋېي: «1999-يىللىرى 500 يۈەن پۇل بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ 5 ئايلىق مائاشىغا باراۋەر كېلەتتى. شۇ ۋاقىتلاردا گەي رۈيخەي دېھقانچىلىققا تاينىپلا تۇرمۇش كەچۈرەتتى، تۇرمۇشى ناھايىتى جاپالىق ئىدى» دېگەن.

گەي رۈيخەي ھازىر بالا بېقىۋالغانلىقى سەۋەبلىك توي قىلالمىغانلىقىدىنمۇ ئانچە كۆڭلى يېرىم بولۇپ كەتمەيدۇ. چۈنكى قىزى تەتىل ۋاقىتلىرى بولسا تاماق ئېتىپ ئالدىغا قويىدۇ، مەكتەپتىمۇ تىرىشپ ئوقۇيدۇ. بۇ ئۇنىڭ تارتقان جاپالىرىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇلدۇرىۋېتىدۇ. 



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى