كاسىللاس رىۋايىتى داۋاملاشماقتا

مەنبە : يوللىغۇچى : كۈنتاج ئاۋاتلىقى : 511 يوللانغان ۋاقىت : 2016/08/24
elan

بۈگۈن سەھەردە پورتو كۇلۇبى مېھمان مەيداندا 0:3 نەتىجە بىلەن رىم كۇلۇبىنى يېڭىپ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ گورۇپپا مۇسابىقىسى باسقۇچىغا كىردى. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە پورتو كۇلۇبى قاپقىچىسى كاسىللاس ئۆزىنىڭ 18-قېتىملىق ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى سەپىرىنى باشلىدى.

كاسىللاس ھازىرىقى توپچىلار (چېكىنمىگەن توپچىلار) ئىچىدە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ توپچى. ئۇ مادرىدنىڭ بىرىنچى سەپ كوماندىسىغا كىرگەندىن باشلاپ مەيلى ئاساسلىق ئەزا بولسۇن ياكى زاپاس ئەزا بولسۇن، ئۇ ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە كەم بولۇپ باقمىغان.

يېڭى پەسىللىك ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ گۇرۇپپىغا ئايرىش چەك تارتىش قائىدىسىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەپلىك، پورتونىڭ مادرىد بىلەن بىر گورۇپپىغا كىرىپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى بار، ناۋادا شۇنداق بولۇپ قالسا، كاسىللاس تۇنجى قېتىم رەقىب سالاھىيىتىدە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە بېرنابۇ توپ مەيدانىغا قايتىدۇ. 



Elan 250
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئىزھات
KunTaJ Media- KuntaT.Com تور بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى كۈنتاج تورىغا مەنسۇپ, تور بىتىمىزگە يوللانغان مەزمۇنلار توردىن توپلانغان، ئەگەر نەشىر ھۇقۇقىغا دەخلى يەتكۈزدى دەپ قارالغان مەزمۇنلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ !
دوستانە ئۇلىنىشلار
Copyright 2016-2025 | KunTaJ Media- KuntaT.Com | 陕ICP备16007679号-1 |
QQ ئۈستى